Select your region
and interface language
We’ll show relevant
Telegram channels and features
Region
avatar

تەۋەررۈك

suhuk_bilayzuk
سىز، بىزگە مۇشتەرى ئەمەس، ھېچ نەرسىنى بىز، سىز ئۈچۈن تەييارلىمايمىز، چۈنكى قىلغان ھەربىر ئىشىمىزنىڭ سورېقىنى ئۆزىمىزلا بېرىمىز. ئەي راببىمىز خاتالىقىمىزنى كەچۈر، ياخشىلىققا باشلاپ قوي. ئامىن
Subscribers
2 503
24 hours
-4
30 days
-8
Post views
1 192
ER
47,62%
Posts (30d)
3
Characters in post
671
Insights from AI analysis of channel posts
Channel category
Religion and Spirituality
Audience gender
Female
Audience age
35-44
Audience financial status
Middle
Audience professions
Education
Summary
October 27, 11:20
Media unavailable
1
Show in Telegram

October 21, 22:36

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھ،
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تايلاند تۈرمىسىدە قالغان بەش قېرىندىشىمىزنىڭ ئىككىسى تۈنۈگۈن، يەنى 21-چېسلا، دۆلەتلىك چوڭ تۈرمىدىن چىقىرىلىپ بانكوكتىكى IDC كۆچمەنلەر مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلدى.

October 14, 18:40

قېتىپ كەتكەن زېكىرسىز دىللار،
ئويلاپ قالدىم قېنى ئۆتمۈشلەر؟.
شۇ كۈنلەرنى سېغىنىش بىلەن،
دىلدا پىغان ھەمدە كۈتۈشلەر.
ئۆتەر ئىدى تۈمەن كېچىلەر،
يىغلاپ دائىم تىلەپ شاھادەت.
قاچان بىزگە «ئۈلۈم» كېلەر دەپ،
ئۈمۈد قىلىپ گۈزەل سائادەت.
بۈگۈن پاتتۇق دۇنيا لېيىغا،
كۈندە، كۈندە چۆكۈپ تىگىگە.
كەڭرى ئاچتى ئۇمۇ قۇچاقنى،
تاتىپ، شۇراپ بىزنى ئىچىگە.
ئويلىمغان ئۆتمۈشتە بۇنى،
بىركۈنلەردە بۇنداق بولار دەپ.
ئۆزگۈرۈشلەر چوڭ بولۇپ كەتتى،
ھەممە نەفىس ئويلايدىغان نەپ.
سېغىندۇق بىز ئاشۇ كۈنلەرنى،
ھەقىقى بىر «ھايات» شۇ ئىكەن.
ئۆرتىنىشتە بۇ كۆزلەردە ياش،
دىللار ئارا سانچىلىپ تىكەن.
رەسۇلۇللاھ راست ئېيتقان ئەجەپ،
دۇنيا بىزنى ئۆزگەرتتى تۈپتىن.
بۇنچە تەقدىر بېرىلمەس ئىدى،
ئۆرنەك ئالغان بولساق "يۈسۈپتىن"
ئاھ! سېغىندۇق ئەجەپ سېغىندۇق،
ئاددى-ساددا سەمىمىي چاغنى.
ئېلىۋەتسەك ئۇشبۇ مۆرىدىن،
دۇنيا ئاتلىق شۇ ئېغىر تاغنى.
قېنى دوسلار ھەممە بىرلىكتە،
قول كۆتۈرۈپ تىلەيلى تىلەك.
ئۇلۇغ ئاللاھ شۇ كۈننى بىزگە،
قايتۇرغۇسى قايتىدىن بىلەك.
گۇناھلارغا تىلەپ مەغفىرەت،
سەمىيمى بىر تەۋبە قىلايلى.
دۇنيا ئۈچۈن بېرىلىپ بوشراق،
بۇ قوللارغا قۇرئان ئالايلى.
قايتۇرغۇسى بىزگە قايتىدىن،
ئۇلۇغ ئاللاھ ئاشۇ ئۆتمۈشنى.
ئۆگەتكۈسى بىزلەرگە ھەمدە،
دۇنيا تاشلاپ جەننەت كۈتۈشنى.

August 15, 19:33
Media unavailable
3
Show in Telegram

سۆزلەش ئىقتىدارى بولمىغان بىر ياش يىگىتنىڭ، ئىشارەت تىلى بىلەن ناماز قىلۋاتقان ھالىتى بىزلەرگە ناھايىتى چوڭ دەئۋەت.
مانا بۇ ياشقا قاراپ، بەدەن ئەزالىرىمىز ساق تىلىمىز راۋان، ھالەتتە قۇرئانى كەرىمنىڭ مۇبارەك ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلالايدىغان تۇرۇپ، بەزىدە نامازغا سۇسلۇق قىلىپ قېلىشىمىز ، ۋە ياكى نامازلىرىمىزنى خۇشۇئسىز ئۇقۇپ تۈگۈتۈشلىرىمىزدىن خىجىل بولماي تۇرالمايمىز.
ئەي رەببىم بىزلەرنى نامازنى ياخشى كۆرگۈچى بەندىلىرىڭ قاتارىدىن قىل...!
بەدىر روھى قانىلى
بەدىر روھى ئىماننىڭ ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ روھىدۇر
https://t.me/bedirrohi

August 15, 17:44
Media unavailable
1
Show in Telegram

💥
دۈشمەن ئىستىخباراتىدكى تەشۋىقات ئۇرۇشى
🎬
تەشۋىقات ئۇرۇشى 2-قىسىم
📍
بۇ قىسىمدىكى مۇھىم تىمىلار:
🔻
1. دۈشمەن ئىستىخباراتى تەشۋىقات ئۇرۇشىدا نېمىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؟
🔻
2. دۈشمەن ئىستىخباراتى قانداق يوشۇرۇن ھالەتتە ھۇجۇم قىلىدۇ
🔻
3. رەقەملىك تەشۋىقات بوتلىرى
🔻
4. ئىچكى قىسىمدىن پىتنە سالغۇچىلارنى يىتىشتۈرۈش
🔻
5. ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى تاللاپ سىرتقا سىزىپ بىرىش
🚨
دۈشمەننىڭ
#تەشۋىقات
ئۇرۇشىدىن ھەزەر قىلايلى
🗓
2026-08-15
🔗
https://t.me/nazar0632

August 15, 17:43
Media unavailable
1
Show in Telegram

💥
تەشۋىقات ئۇرۇشى 1- قىسىم
🚨
دۈشمەننىڭ
#تەشۋىقات
ئۇرۇشىدىن ھەزەر قىلايلى
2026-08-13
🔗
https://t.me/nazar0632

August 09, 15:13
Media unavailable
1
Show in Telegram

بۇرۇن ئاددى تىلپۇندا قىينىلىپ تۇرساقمۇ نەچچە سائەت دىنىم ئۈچۈن دەپ ئىشلەيتۇق
ئەمما ھازىر ھەممە تۇلۇق ياخشى شارائىتتا 30 مىنىتتا چارچاپ كىتىدىكەنمىز
كەڭرېچىلىكتىكى ئىمتاھان نىمە دېگەن قىيىن
سىلەرچىمۇ شۇنداقمۇ

August 08, 17:36

رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ھەججەتۇل ۋىدا خۇتبىسى
«ئەي ئىنسانلار! سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار. مەن بىلمەيمەن، بەلكىم بۇ يىلدىن كېيىن بۇ جايدا سىلەر بىلەن قايتا ئۇچرىشالماسلىقىم مۇمكىن.
ئەي ئىنسانلار!
سىلەرنىڭ قېنىڭلار، مال-مۈلكىڭلار ۋە ئابرۇيۇڭلار، رەببىڭلار بىلەن ئۇچراشقانغا قەدەر، مۇشۇ كۈنىڭلارنىڭ، مۇشۇ ئېيىڭلارنىڭ ۋە مۇشۇ شەھىرىڭلارنىڭ ھۆرمىتىدەك بىر-بىرىڭلارغا ھۆرمەتلىكتۇر.
مەن يەتكۈزدۈممۇ؟
ئى ئاللاھ، گۇۋاھ بول!
كىمنىڭ قولىدا باشقىلارنىڭ ئامانىتى بولسا، ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسۇن.
جاھىلىيەت دەۋرىدىكى جازانە-ئۆسۈملەرنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىندى. سىلەرگە پەقەت ئەسلى مال-مۈلكۈڭلار قالىدۇ. زۇلۇم قىلماڭلار ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىماڭلار.
بىرىنچى بولۇپ مەن بىكار قىلىدىغان جازانە — ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ جازانىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىندى.
جاھىلىيەت دەۋرىدىكى قان دەۋالىرىمۇ بىكار قىلىندى.
ئەي ئىنسانلار!
شەيتان سىلەرنىڭ بۇ زېمىنىڭلاردا ئۇنىڭغا قايتا ئىبادەت قىلىشىڭلاردىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. لېكىن سىلەر كىچىك دەپ قارىغان باشقا ئىشلاردا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇ بۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. شۇڭا دىنىڭلارنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىڭلار.
ئەي ئىنسانلار!
ئاياللار ھەققىدە ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
چۈنكى سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى بىلەن ئالدىڭلار.
سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار ئۈستىدە ھەققىڭلار بار، ئاياللىرىڭلارنىڭمۇ سىلەر ئۈستىدە ھەققى بار.
ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈستىدىكى ھەققى — ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلىشىڭلاردۇر.
ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار.
ئەي ئىنسانلار!
سۆزۈمنى ياخشى ئاڭلاڭلار.
مەن سىلەرگە شۇنداق بىر نەرسىنى قالدۇردۇمكى، ئەگەر ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلساڭلار، مەندىن كېيىن ھەرگىز ئازمايسىلەر:
ئاللاھنىڭ كىتابى.
ئەي ئىنسانلار!
رەببىڭلار بىردۇر.
ئاتاڭلارمۇ بىردۇر.
ھەممىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن، ئادەم بولسا تۇپراقتىن يارىتىلغان.
ئەرەبنىڭ ئەجەم ئۈستىدە، ئەجەمنىڭ ئەرەب ئۈستىدە؛ قىزىلنىڭ قارا ئۈستىدە، قارانىڭ قىزىل ئۈستىدە تەقۋادىن باشقا ئارتۇقچىلىقى يوقتۇر.
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە سىلەرنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكىڭلار — ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلاردۇر.
مەن يەتكۈزدۈممۇ؟
كىشىلەر:
«ھەئە، رەسۇلۇللاھ ﷺ يەتكۈزدى»
دېدى.
رەسۇلۇللاھ ﷺ:
«بۇ يەردە بولغانلار بۇ يەردە بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن. چۈنكى بۇ سۆز يەتكۈزۈلگەن بەزى كىشىلەر، ئۇنى بىۋاسىتە ئاڭلىغان كىشىلەردىنمۇ ياخشىراق چۈشىنىشى مۇمكىن.
مەندىن كېيىن بىر-بىرىڭلارنىڭ بوينىنى چېپىدىغان كۇپۇر ئەھلىگە ئوخشاپ كەتمەڭلار.
سىلەردىن مەن ھەققىدە سورالغاندا نېمە دەيسىلەر؟»
ساھابىلەر:
«بىز سىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىڭىزگە، ۋەزىپىڭىزنى ئادا قىلغانلىقىڭىزغا ۋە ئۈممەتكە نەسىھەت قىلغانلىقىڭىزغا گۇۋاھلىق بېرىمىز»
دېدى.
شۇنىڭدا رەسۇلۇللاھ ﷺ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، ئاندىن كىشىلەرگە قارىتىپ:
«ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بول!
ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بول!
ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بول!»
دېدى.

August 08, 17:28
Media unavailable
1
Show in Telegram

August 03, 00:15
Media unavailable
1
Show in Telegram

بۇلارنىڭ ھەربىرىدە بىر ئىبرەتلىك ۋە ئورنەك ئالغۇدەك سۈپەتلەر بار ئىدى
ئارىسىدا 29 يىل تۈرمىدى ياتقان ئاكىمىزمۇ بار ئىدى
ئۇنىڭ قىززىق سوزلىرىنى يېقىندا ئورتاقلىشىمەن
ئىنشا ئاللاھ