
تەۋەررۈك
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار.
تۈنۈگۈن ئىككى مىڭ ئون بەشىنچى يىلىدىكى باڭكوك ۋەقەسىگە چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان
ئىككى قېرىندىشىمىزغا سوت تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ
ھەممىمىزنىڭ قەلبى ئىزتىراپقا تولدى. قايغۇرۇش ۋە كۆڭۈل يېرىم قىلىش
ئىنسانىي تەبىئىتىمىز بولسىمۇ، ئەمما بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ
ئىشقا ئالدى بىلەن ئەقىدە ۋە تەقدىر نۇقتىسىدىن قارىشىمىز كېرەك. بىز شۇنىڭغا
قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يەر ۋە ئاسماندىكى ھەر بىر ئىش پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ
ئىرادىسى ۋە بەلگىلىمىسى بىلەنلا بولىدۇ. دۇنيادىكى ھېچقانداق سوت مەھكىمىسى،
ھۆكۈمران ياكى قانۇن ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. ھاياتلىق ۋە
ئۆلۈم، رىزىق ۋە ئەركىنلىك پەقەت ئاللاھنىڭلا ئىلكىدە. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ
بېشىغا كەلگەن بۇ سىناقمۇ ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولۇۋاتقان ئىش.
مۆمىننىڭ ھاياتىدىكى ھەر بىر قىيىنچىلىق گۇناھلىرىغا كەففارەت ۋە دەرىجىسىنىڭ
ئۆسۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا بىز سوتنىڭ ھۆكۈمىگىلا قاراپ ھەممە ئىش ئاخىرلاشتى
دەپ ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈپ قالماسلىقىمىز، قەلبىمىزنى پۈتۈنلەي ئاللاھقا باغلىشىمىز
ۋە رەببىمىزدىن ياخشىلىق ئۈمىد قىلىشىمىز كېرەك.
ئاللاھ تائالا نىجاتلىقنىڭ ئىشىكلىرىنى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئاچىدۇ. بىز بۇ
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا سەۋەبلەر نۇقتىسىدىن، يەنى تايلاندنىڭ جازا ۋە
تۈرمە سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن قاراپ باقساق، بۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا
ناھايىتى چوڭ بىر يورۇقلۇق ۋە ئۈمىدنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمىز. تايلاند قانۇنىدا
ئۆلۈم جازاسى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۈرمە تۈزۈمى
سەۋەبلىك بۇ جازا ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاز ئىجرا قىلىنىدۇ. سوتنىڭ بۇ خىل ھۆكۈم
چىقىرىشى پەقەتلا ئۆز قانۇنىدىكى ئەڭ يۇقىرى يۈزەكى ئۆلچەمنى كۆرسەتكەنلىك بولۇپ،
بۇ ھەرگىزمۇ ئىنساننىڭ ئەجىلىنىڭ يەتكەنلىكىدىن ياكى ھاياتىنىڭ
ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەجەلنى پەقەت ئاللاھلا
بەلگىلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە تايلاندتا مەھبۇسلارنى قايتا تەربىيەلەشكە ۋە كەچۈرۈم قىلىشقا بەك
ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ھەر يىلى دۆلەتنىڭ مۇھىم بايراملىرىدا، بولۇپمۇ پادىشاھنىڭ
تۇغۇلغان كۈنىدە چوڭ كۆلەملىك كەچۈرۈم ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم
قىلىنغانلار دەسلەپتە مۇشۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشىش ئارقىلىق جازاسى ئاپتوماتىك
ھالدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، ئاندىن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگىرىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن مەھبۇسنىڭ تۈرمىدىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن ھەر يىلى تەخمىنەن ئۈچ
يىلدىن بەش يىلغىچە جازا مۇددىتى قىسقارتىلىپ تۇرىدۇ.
بۇ يەردىكى بىزگە ئەڭ چوڭ رېئال ئۈمىد بېرىدىغان نۇقتا شۇكى، تايلاند قانۇنى بويىچە
مەھبۇسنىڭ تۈرمە مۇددىتى سوت ھۆكۈم چىقارغان كۈندىن ئەمەس، بەلكى دەسلەپ تۇتۇلغان
كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ دېگەنلىك، بۇ ئىككى قېرىندىشىمىز تۇتقۇن
قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تۈرمىدە ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ
بولدى. بۇ جەرياندا تارتقان جاپالىرى ۋە ياتقان كۈنلىرى ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ،
بەلكى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى جازا مۇددىتىدىن تولۇق چېگىرىپ تاشلىنىدۇ.
ئادەتتە تايلاندتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر كىشى كېيىنكى كەچۈرۈم ۋە جازا
قىسقارتىشلار ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئون سەككىز يىلدىن يىگىرمە بەش يىلغىچە بولغان
ئارىلىقتا ئەركىنلىككە چىقىدۇ. ئەگەر بۇ رېئاللىققا قارىساق، ئۇلار ئاللىقاچان
ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتنى تۈگىتىپ بولدى دېگەن سۆز. يەنى ئۇلار ئەڭ قىيىن، ئەڭ
تاقەتسىز ۋە سوت كۈتۈپ بېسىم ئىچىدە ئۆتكەن ئۇزۇن مۇددەتنى ئارقىدا قالدۇرۇپ
بولدى. ئەمدىكى جەريان ئۇلارنىڭ سوت ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، جازاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە
يېنىكلەش ۋە قىسقارتىلىش باسقۇچىغا كىرىشىدۇر.
شۇڭا سوتنىڭ تۈنۈگۈنكى ھۆكۈمى ھەرگىزمۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ پەللىسى ئەمەس، بەلكى ئەمدى
كەچۈرۈم قىلىنىش باسقۇچىنىڭ رەسمىي باشلىنىشى. ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە
بارلىق خەلقىمىز ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ھەرگىز ئۈمىد ئۈزمەسلىكى كېرەك. قۇرئان
كەرىمدە ۋەدە قىلىنغاندەك ھەر بىر قىيىنچىلىق بىلەن بىللە چوقۇم بىر ئاسانلىق
بار. ئون يىلغا يېقىن ئازابلىق كۈتۈش كۈنلىرى ئۇلارنىڭ ئۆمۈر ھېسابىدىن ئۆتۈپ
كەتتى، ئىنشائاللاھ قالغان كۈنلىرى يېنىكلەش ۋە تېزدىن ئائىلىسى بىلەن جەم
بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.
ھەممىمىز بىرلىكتە دۇئا قىلايلى. ئى پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئىگىسى ۋە تەقدىرنى
بەلگىلىگۈچى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھ، شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا تۈرمىنىڭ تاش
تېمى ئىچىدىمۇ سېنىڭ كەڭ رەھمىتىڭدىن ئىبارەت يورۇقلۇقنى ئاتا قىلغىن. ئۇلارنىڭ
قالغان كۈنلىرىنى ئاسان قىلغىن، تەقدىرىگە ياخشىلىق ۋە يېنىكلىك پۈتكىن، بىزگە
ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە چىققان خۇش خەۋەرلىرىنى ئاڭلاشنى نېسىپ قىلغىن، ئامىن.
تايلاند سوتى 2015-يىللىق باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىككى ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى
2026-يىلى 11-ئىيۇن، تايلاند سوتى 2015-يىلى باڭكوكنىڭ مەركىزىدىكى ئېرەۋان ئىبادەتخانىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان ئىككى ئۇيغۇر ئەرگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
2015-يىلى 17-ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن بۇ پارتلاشتا 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 120 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بۇ تايلاند تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر پارتلاش ۋەقەلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
سوت ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، بىلال مۇھەممەد ۋە يۇسۇفۇ مىئېرالى ناملىق ئىككى كىشى ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ ھۆكۈم قىلىنغان. بىلال مۇھەممەد باڭكوك ئەتراپىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇ تۇرغان ئۆيدىن بومبا ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنى تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يۇسۇفۇ مىئېرالى بولسا كامبودژادا قولغا ئېلىنىپ، كېيىن تايلاندقا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
ئەمما بۇ دېلو باشتىن-ئاخىر زور تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىككى گۇماندار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەربىي قاماق مەزگىلىدە قىيناققا ئۇچرىغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ سوت جەريانىدا نۇرغۇن قانۇنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مەۋجۇت بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دېلو يەنە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ پارتلاشتىن بىر ئاي بۇرۇن 109 نەپەر ئۇيغۇرنى زورلۇق بىلەن خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ۋەقەسى بىلەن باغلىنىپ كەڭ مۇنازىرە قوزغىغان. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پارتلاشنىڭ شۇ ۋەقەگە جاۋابەن يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ قاراشنى قوبۇل قىلمىغان.
سوت ئاخىرىدا ساقچىلار تەمىنلىگەن تېلېفون ئالاقە خاتىرىلىرى ۋە باشقا دەلىللەرنى ئاساس قىلىپ، ئىككى كىشىنى گۇناھكار دەپ قارىدى ۋە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
ئىككى كىشىنىڭ ئادۋوكاتى ھۆكۈمگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ دېلو 10 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان بولۇپ، ھازىرمۇ نۇرغۇن سوئاللار ۋە تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت ھالەتتە تۇرماقتا.
مەنبە:
BBC World News (2026-يىل 11-ئىيۇن
تايلاند ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپتۇ
😞
.
https://www.bbc.com/news/articles/ckg8v51g9lno
https://youtube.com/@tawarruk786?si=6nJ86tyqjAHH9WuW
داستىخانلار بېزىلدى، شېرىن تاتلىقلار بىلەن،
يىغىلايلى بىز بۈگۈن، چىن كۈلكە-شادلىق بىلەن.
پىشتى قازاندا پولۇ، گۆشگىردىنىڭ پۇرىقى،
بۈگۈن يوق ھېچكىمىنىڭ، غەم-تەشۋىش ۋە پىراقى.
ھېيت كەلدى، خۇش كەلدى! بىزگە كۈلكە ئەكەلدى!
مېھرىبان يۈرەكلەرگە، مېھىر-شەپقەت ئەكەلدى!
ھېيت مۇبارەك، ھېيت مۇبارەك، ئەي ئەزىز دوستلىرىم،
قېنى ئېلىڭ تارتىنماي، مېنىڭ جان-جىگەرلىرىم!
يېڭى كىيىملەر كىيىپ، كىچىكلەر سەكرەپ كەتتى،
چوڭ پۇللارنى كۆرگەندە، قۇۋانچى چەككە يەتتى.
قېنى بېرىڭ ھېيتلىقنى، قىزغىنىپ قالماڭ تاغا،
بالىلارنى خۇش قىلىش — ساۋابتۇر بىزگە يانا!
سانزا-سامسىلارنى يەپ، سەمىرىپ كەتمەيلى بىز،
ياغلىق گۆشلەرنى چايناپ، ھاسىراپ يۈرمەيلى بىز.
تار كېلىپ كىيىملىرىمىز، پۇشايمان ئەتمەيلى بىز،
يېتەرلىك يەپ-ئىچكەندىن سۆڭ، مېھمانغا كېتەيلى بىز!
ھېيت كەلدى، خۇش كەلدى! بىزگە كۈلكە ئەكەلدى!
مېھرىبان يۈرەكلەرگە، مېھىر-شەپقەت ئەكەلدى!
ھېيت مۇبارەك، ھېيت مۇبارەك، ئەي ئەزىز دوستلىرىم،
قېنى ئېلىڭ تارتىنماي، مېنىڭ جان-جىگەرلىرىم
ئاللاھقا مىڭلارچە شۈكۈر، شۇ كۈنلەرگە يەتكۈزگەن،
مۇبارەك بولسۇن بۇ ھېيت، تەبەسسۇم بىلەن ئۆتكەن.
ھەممىڭلارغا ئامانلىق، تىلەيمەن چىن يۈرەكتىن،
كېلەر ھېيتقا ئامان-ئېسەن، يېتەيلى بىز تىلەكتىن!
ئامىن!
https://t.me/suhuk_bilayzuk
قىيىنچىلىقتا ئىنسان ئاجىزلىقىنى تېز ھېس قىلىپ رەببىگە يالۋۇرىدۇ. ئەمما
توقچىلىقتا، نېمەت ئىچىدە ئىنسان تېزلا ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ، غەپلەتكە پاتىدۇ.
مېنىڭ سىلەرگە ۋە بىرىنچى بولۇپ ئۆزۈمنىڭ ئاجىز نەپسىمگە قىلىدىغان دەۋىتىم،
نەسىھىتىم ۋە ئۆتۈنۈشۈم شۇكى: دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، زاماننىڭ تەرەققىياتى،
ئەتراپتىكى پارقىراقلىقلار سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن. بىزنىڭ روھىمىز پەقەت ۋە
پەقەت ئاللاھقا قۇل بولغاندىلا، ئۇنىڭغا تولۇق بويسۇنغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي
ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ. بىز قىيىنچىلىقتا ئاللاھنى قانداق ئەسلىگەن، ئۇنىڭغا
قانداق يېلىنغان بولساق، باياشاتچىلىقتا ئۇنىڭدىنمۇ بەك شۈكۈر قىلىشىمىز،
تېخىمۇ بەك يېقىنلىشىشىمىز كېرەك.
كېلىڭلار قېرىنداشلىرىم! غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنايلى. زامان ئۆزگىرىدۇ، ئادەملەر
قېرىيدۇ، ئەۋلادلار ئالمىشىدۇ، قۇرۇلۇشلار يېڭىلىنىدۇ، پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ
ئەقلىمىز يەتمەيدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ... ئەمما بىزنىڭ يارىتىلىش غايىمىز، بىزنىڭ
ئاللاھ بىلەن بولغان ئەھدىمىز ھەرگىز، ھەرگىز ئۆزگەرمەسلىكى كېرەك.
2014-يىلىدىكى زۇلمەتلىك تۈرمىدە روھىمنى ياشناتقان، جىسمىمنىڭ ئازابىنى
ئۇنتۇلدۇرغان ئاشۇ ئىمان نورى، 2025-يىلىدىكى بۇ پارقىراق، ئەمما كىشىنى
ئاسانلا ئادىشىشقا ئېلىپ بارىدىغان دۇنيادىمۇ يولۇمنى يورۇتۇشى كېرەك. تۈرمىنىڭ
تەمىنى تېتىپ باققان بىر كىشى سۈپىتىدە شۇنى يۈرۈگۈمدىن دەيمەنكى: تۆت تام
ئىچىدىكى قورقۇنچتىن، قىيىن-قىستاقلاردىن باش ئەگمىگەن، يىقىلمىغان ئىمانىمىز،
بۇ دۇنيانىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن، نەپسىنىڭ خاھىشلىرىدىنمۇ قورقمىساق بولاتتى.
شەيتاننىڭ پىتنىسىگە تەسلىم بولمىساق بولاتتى.
مەيلى سىز تۈرمىدە سىنالغان بولۇڭ ياكى سىرتتىكى ھاياتتا سىنىلىۋاتقان بولۇڭ،
ئۆزىمىزنى تۈزەيلى. شەخسىي ئىبادەتلىرىمىزگە، كېچىلىك تەھەججۈدلىرىمىزگە،
قۇرئان تىلاۋەتلىرىمىزگە قايتايىلى. دۇنيا مەشغۇلاتى، تېلېفوننىڭ ئېكرانى بىزنى
رەببىمىزدىن توسۇپ قالمىسۇن. ئۆزئارا ياتلىشىۋاتقان، مۇزلاپ بېرىۋاتقان
قەلىبلىرىمىزنى ئىسلام قېرىنداشلىقى بىلەن، سالامنى يېيىش بىلەن
قايتىدىن تۇتاشتۇرايلى. كۆپچىلىك بىلەن بولغان ئىبادەتلەرگە، جامائەتكە،
مەسچىتلەرگە مەھكەم ئېسىلايلى. دۇنيانى قەلبىمىزدە ئەمەس، پەقەتلا قولىمىزدا
تۇتايلى.
ئى رەببىم! دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ پادىشاھى بولغان بۈيۈك ئاللاھ! بىزنى تار
زىندانلاردىكى سىناقلاردىن قانداق سالامەت ئېلىپ چىققان بولساڭ، بۇ كەڭرى
دۇنيانىڭ غەپلەت زىندانلىرىدىنمۇ شۇنداق ساق-سالامەت قۇتقۇزغىن. زامان ۋە ماكان
ئۆزگەرسىمۇ، قەلبىمىزنى سېنىڭ دىنىڭدا سابىت قىلغىن. بىزگە مۇشەققەت
كۈنلىرىدىكى سەمىمىيىتىمىزنى، ئىمان ھالاۋىتىمىزنى بۇ ئەركىن، ئەمما
پىتنىگە ۋە چەلگىتىشلارغا تولغان زاماندىمۇ ئاتا قىلغىن. كۆزىمىزنى دۇنيانىڭ
ساختىلىقىدىن توسۇپ، ئاخىرەتنىڭ ھەقىقىي مەنزىرىسىگە ئاچقىن. بىزنى نەپسىمىزنىڭ
قۇلى قىلىپ قويماي، پەقەت ئۆزۈڭگىلا ھەقىقىي قۇل بولۇش نېمىتىنى، ھەقىقىي روھىي
ئەركىنلىكنى نەسىپ قىلغىن. قىيامەت كۈنى ھەممىمىزنى ساھابىلەر، شەھىدلەر ۋە
سالىھلار بىلەن جەننەتۇل فىردەۋستە جەم قىلغىن!
ئامىن! ئامىن! يا رەببەل ئالەمىن!
پولات
بەلكى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەن، ماڭا يات بولغان بىر يېڭى مۇھىت نامايان بولدى.
ئادەملەر، شەھەرلەر، تۇرمۇش ئۇسۇلى، قىممەت قاراشلار... ھەممىسى شۇنچىلىك
ئۆزگىرىپتۇكى، ئۆزۈمنى خۇددى غاردا نەچچە يۈز يىل ئۇخلاپ ئويغانغان
ئەسھابۇلكەھف (غار ئىگىلىرى) دەكلا ھېس قىلىپ قالدىم. بىنالار ئېگىزلەپ كۆككە
تاقىشىپتۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى يەرگە كىرىپ كېتىپتۇ.
يوللار كەڭرى ۋە راۋان بوپتۇ، ئەمما ئادەملەرنىڭ قەلبى تارىيىپ، بىر-بىرىنى
سىغدۇرالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
جىسمىم ئەركىنلىككە چىقتى، خۇشال بولدۇم، ئەمما كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ
يۈرۈگۈم قان يىغلىدى. چۈنكى مەن سىرتتىكى بۇ پارقىراق، «ئەركىن» دۇنيادا ھەقىقىي
مەھبۇسلارنى كۆردۈم. كىشىلەر نەپسىنىڭ، پۇل-مالنىڭ، مودىنىڭ، مەرتىۋىنىڭ، تۈگىمەس
ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ ۋە ھەممىدىن يامىنى قولىدىكى بىر پارچە تېلېفوننىڭ، تور
دۇنياسىنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. ئۇلار روھىنى زىندانغا تاشلاپ قويۇپ،
جىسمىنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن ماختىنىۋاتقاندەك قىلاتتى.
تۈرمىدە جىسمىم مەھبۇس بولسىمۇ مەنىۋىيىتىم ساغلام، قەلبىم تىرىك ئىدى؛ ئەمما بۇ
يەردە كىشىلەرنىڭ جىسمى ئەركىن بولغىنى بىلەن، مەنىۋىيىتى بىر خىل نامەلۇم
كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ، روھىي جەھەتتىن پالەچ بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
جامائەت ئىبادەتلىرىدىكى قىزغىنلىق سۇسلاپ، سەپلەر شالاڭلاپتۇ. مېھىر-مۇھەببەت
نېپىزلەپ، سىلە-رەھىم (تۇغقانچىلىق رىشتى) ئۈزۈلۈپتۇ. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ
شەخسىي مەنپەئەتى كويىدا، دۇنيانىڭ قۇللىرىغا ئايلىنىپ، بىر-بىرى بىلەن
بەسلىشىپ يۈگۈرەيدىغان بىر ھالەتكە كېلىپتۇ. تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى
ئادەملەرنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ
يىراقلاشتۇرۇۋەتكەن، بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىر-بىرىنىڭ كۆزىگە
ئەمەس، تېلېفون ئېكرانىغا تىكىلىپ ئولتۇرىدىغان، سۈنئىي، سوغۇق بىر دۇنيا
شەكىللىنىپتۇ. ئائىلىلەردە ئىسلامىي تەربىيەنىڭ ئورنىنى تېلېفون دۇنياسىدىكى
ئەرزان باھالىق كۈلكە-چاقچاقلار ئىگىلەپتۇ.
ئەي ئەزىز قېرىندىشىم! دۇنيادىكى بارلىق مۆمىن مۇسۇلمانلار! بۈگۈن بىز ئۆزىمىزدىن
سوراپ باقايلىچۇ: ھەقىقىي تۈرمە نېمە؟ ھەقىقىي ئەركىنلىك نېمە؟
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئۆزى تۈرمىگە تاشلانغاندا شۇنداق بىر
گۈزەل سۆزنى قىلغان ئىدى: «دۈشمەنلىرىم ماڭا نېمىمۇ قىلالايتتى؟ مېنىڭ جەننىتىم
قەلبىمدە! مەن نەگىلا بارسام ئۇ مەن بىلەن بىللە. مېنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىم رەببىم
بىلەن يالغۇز مۇناجات قىلىشىمدۇر، سۈرگۈن قىلىنىشىم ساياھەتتۇر، ئۆلتۈرۈلۈشۈم
شېھىتلىكتۇر. ھەقىقىي مەھبۇس شۇنداق ئادەمكى، ئۇنىڭ قەلبى پەرۋەردىگارىدىن
توسۇپ قېلىنغان بولىدۇ. ھەقىقىي ئەسىر شۇنداق ئادەمكى، ئۇ ئۆز نەپسى خاھىشىنىڭ
ئەسىرىگە ئايلانغان بولىدۇ.»
بىز ھازىرقى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، ماددىيەتچىلىك ئەۋج ئالغان، تور دۇنياسى
ئادەمنىڭ رېئاللىقىنى، قىممەتلىك ۋاقتىنى، ئەڭ يامىنى ئىمانىنى يۇتۇپ كېتىۋاتقان
بۇ زاماندا ئۆزىمىزنى بىر سىلكىپ ئويغىتايلى. ئەگەر بىز ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ
تۇرۇپمۇ نامازغا تۇرۇشقا ئەينى ۋاقىتتىكىدەك ئىنتىلمىسەك، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش
ئۈچۈن قەلبىمىز تەلپۈنمىسە، بىر كۈنلۈك قىممەتلىك ۋاقتىمىز ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن
ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل ئېچىش، پايدىسىز پاراڭلار، غەيۋەتلەر ۋە تېلېفون ئېكرانىدىكى
كۆزنى خىرەلەشتۈرىدىغان مەنزىرىلەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولسا، ئېيتىڭلارچۇ،
بىز شۇ چاغدا نەپسىمىزنىڭ، شەيتاننىڭ تۈرمىسىدە ياتقان بولمايمىزمۇ؟! جىسمىمىز
ھۆرلۈكتە، ئۆيلىرىمىز كەڭ، يېمەكلىكلىرىمىز مول بولغىنى بىلەن، روھىمىز ئاچلىقتىن
قىينىلىپ، زىنداندا زەنجىرلەنگەن ھالەتتە ئىڭراۋاتقان بولمايدۇمۇ؟!
بۇرۇن تۈرمىدىكى چاغلىرىمدا، پۇت-قوللىرىم سىقىلغاندا، يالغۇزلۇق ۋە سېغىنىش
ئازابىنى تارتقىنىمدا، «ئى ئاللاھ! مېنى ۋە پۈتۈن ئۈممەتنى قۇتقۇزغىن،
قەلبىمىزگە نۇر بەرگىن، سىناقلىرىڭنى يېنىكلەتكىن» دەپ يىغلاپ دۇئا قىلاتتىم.
ئاشۇ مۇشەققەت، قورقۇنچ ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدە كۆپچىلىك بىلەن بىللە قىلغان
ئىبادەتلەرنىڭ بىرلىكى، مېھىر-شەپقىتى قەلبىمگە خۇددى قاغجىراپ كەتكەن
چۆلگە قۇيۇلغان بۇلاق سۈيىدەك ئېقىپ كىرەتتى. ئەمما بۈگۈن، ھەممە نەرسە توق،
خالىغان نەرسە تېپىلىدىغان، يوللار راۋان بۇ جەمئىيەتتە، شۇ چاغدىكى قەلب
خاتىرجەملىكىنى، شۇ چاغدىكى سەمىمىيەت ۋە ئىمانىي ھاياجاننى يوقىتىپ
قويۇشتىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتىمەن.
ساھابىلەر دەيتتىكى: «بىز مۇشەققەت بىلەن سىنالدۇق ۋە سەۋر قىلدۇق. ئەمما
باياشاتلىق بىلەن، راھەت بىلەن سىنالغىنىمىزدا سەۋر قىلالمىدۇق (يەنى
شۈكۈر قىلىپ تاقابىل تۇرۇش قىيىنغا توختىدى).» دەرۋەقە، سىناق پەقەتلا
قىيىنچىلىق، كېسەللىك، يوقلۇق ياكى تۈرمە بىلەنلا كەلمەيدۇ. ئەڭ چوڭ، ئەڭ
خەتەرلىك سىناق – ئەركىنلىك، بايلىق ۋە تىنچلىق ئىچىدىكى سىناقتۇر. چۈنكى
زىنداندىكى ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىكتىكى غەپلەت: بىر قەلبنىڭ مۇناجاتى، نىداسى ۋە دەۋىتى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم.
ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ئۆلۈكتىن تىرىكنى، تىرىكتىن ئۆلۈكنى چىقىرىدىغان، قاراڭغۇ زۇلمەتلەر ئىچىدە قەلىبلەرگە نۇر ئاتا قىلىدىغان، بەندىلىرىنى تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىناپ، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى تاۋلايدىغان بۈيۈك ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن!
ئەي ئەزىز قېرىندىشىم، بۇ دۇنيانىڭ ئالدامچى مەنزىرىلىرىگە ئالدىنىپ، ھەقىقىي مەنزىلىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان سەپەرداشلىرىم! بۈگۈن مەن سىلەرگە، سىلەر ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ غەپلەتتە قېلىۋاتقان نەپسىمگە يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئېتىلىپ چىققان بىر ھەسرەتنى، بىر نىدانى ۋە بىر ئىبرەتلىك ھېكايىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. بۇ پەقەت مېنىڭلا ھېكايەم ئەمەس، بەلكى ئىمان بىلەن نەپسى، روھىي ئەركىنلىك بىلەن دۇنياۋىي قۇللۇق ئوتتۇرىسىدا ئېلىشىۋاتقان ھەربىر ئىنساننىڭ ھېكايىسىدۇر.
يىللار 2014-يىلىنى كۆرسەتكەندە، تەقدىرنىڭ چاقى مەن ئۈچۈن باشقىچە پىرقىرىدى. بۈيۈك ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جىسمىم تۈرمىنىڭ قاراڭغۇ كامېرلىرىغا، تۆت تام ئىچىگە مەھبۇس بولدى. ئېغىر تۆمۈر ئىشىكلەر ئارقامدىن «شاڭڭىدە» يېپىلغان ئاشۇ دەقىقىلەردە، گويا پۈتۈن دۇنيا مەندىن يۈز ئۆرۈگەندەك، قۇياش نۇرى مەڭگۈلۈككە غايىب بولغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم. سىرتقى دۇنيادىن، ئائىلەمدىن، يېقىنلىرىمدىن، ھەتتا ئەركىن پۇرايدىغان ھاۋادىن مەھرۇم قالغان ئىدىم.
بەلكىم شۇ چاغدا سىرتتىكىلەر مېنى «ئەركىنلىكىدىن ئايرىلدى، بىچارە بولدى، ۋەيران بولدى» دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ھېكمىتى شۇقەدەر سىرلىق ۋە بۈيۈككى، دۇنيانىڭ بارلىق ئىشىكلىرى تاقالغان ئاشۇ ماكاندا، ئەرشىئەلانىڭ رەھمەت ئىشىكلىرى قەلبىمگە كەڭ ئېچىلدى.
ئىنسان ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلغاندا، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ بىلەنلا قالىدىكەن. سىرتقى دۇنيانىڭ غەلۋە-غەۋغالىرىدىن، نەپسىنى قۇترىتىدىغان پارقىراق ئالدامچىلىقلىرىدىن، تۈگىمەس ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن ئايرىلغاندا، مەن تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى، ئەڭ مۇھىمى رەببىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي مەنىدە تونۇدۇم. جىسمىم زەنجىرگە باغلانغان، ھەرىكىتىم چەكلەنگەن ئاشۇ كۈنلەردە، مېنىڭ دۇنيا غەملىرىگە تۇنجۇقۇپ قالغان روھىم تۇيۇقسىز قانات چىقىرىپ ئازادلىققا چىقتى. روھىم كامېرنىڭ تېمىنى تېشىپ چىقىپ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا سەجدىگە يىقىلدى.
مەن ئاشۇ سىناقلىق يىللاردا بار كۈچۈم، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن شەخسىي ۋە كۆپچىلىك ئىبادەتلەرگە كىرىشتىم. كېچىلىرى ھەممە ئادەم تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەندە، قاراڭغۇ كامېردىكى ئاشۇ سوغۇق سېمونت يەردە رەببىم بىلەن يالغۇز قېلىپ قىلغان تەھەججۈد نامازلىرىمنىڭ ھالاۋىتىنى بايان قىلىشقا تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. كۆز ياشلىرىم بىلەن جەينامىزىمنى ھۆل قىلىپ، رەببىمگە قىلغان مۇناجاتلىرىم، قۇرئان ئايەتلىرىنى پىچىرلاپ ياد قىلغاندا قەلبىمدە پەيدا بولغان ئاشۇ تاتلىق تۇيغۇلار دۇنيادىكى ھېچقانداق بايلىق، ھېچقانداق ھاكىمىيەت تېگىشەلمەيدىغان بىباھا گۆھەر ئىدى.
ئۇ يەردە يالغۇز ئەمەس ئىدىم. مەن بىلەن بىللە سىناققا ئۇچرىغان قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە قىلغان كۆپچىلىك ئىبادەتلەر بىزنىڭ قەلبىمىزنى بىر-بىرىمىزگە شۇنداق مەھكەم باغلىغان ئىدىكى، بىز بىر گەۋدىگە ئايلانغان ئىدۇق. ئازغىنە يېمەكلىكنى تەڭ بۆلۈشۈپ يەيتتۇق، بىر-بىرىمىزنىڭ دەردىگە يېتەتتۇق، ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن بىر-بىرىمىزگە تەسەللى بېرەتتۇق. تۈرمە مەن ئۈچۈن جازا لاگېرى ئەمەس، بەلكى قەلبىمنى كىرلىرىدىن يۇيۇپ تازىلايدىغان بىر غۇسلىخانا، مەنىۋىيىتىمنى پەللىگە يەتكۈزىدىغان بىر مەدرىسە، بىر تەربىيەگاھ بولدى. مەن سىرتتا، گويا «ئەركىنلىكتە» يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا ھېس قىلىپ باقمىغان مۇتلەق روھىي ئەركىنلىكنى شۇ تۆت تام ئىچىدە ھېس قىلدىم. چۈنكى ئۇ يەردە دۇنيا يوق ئىدى، نەپسى يوق ئىدى، خوجايىن پەقەت ئاللاھ ئىدى.
ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر: «شۈبھىسىزكى، ھەر بىر قىيىنچىلىق بىلەن بىللە بىر ئاسانلىق باردۇر» (سۈرە ئىنشىراھ، 5-ئايەت). مانا ھازىر 2025-يىلى...
يىللار ئۆتۈپ، مەيلى زامان جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ماكان جەھەتتىن بولسۇن غايەت زور بىر بوشلۇقنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە رەھمىتى بىلەن قايتىدىن ئەركىنلىككە چىقتىم. سىرتقا چىقىپ قۇياش نۇرىنى قايتا كۆرگىنىمدە، ئەركىن ھاۋادىن تويغۇچە نەپەس ئالغىنىمدا ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم ھېس قىلدىم. ئەمما بۇ بەخت تۇيغۇسى ئۇزۇنغا بارمىدى. سىرتقى دۇنياغا، ئەتراپىمغا دىققەت بىلەن باققىنىمدا، كۆز ئالدىمدا مەن بۇرۇن بىلىدىغان، تاشلاپ كەتكەن دۇنيا ئەمەس،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرېنداشلار روزا ھېيتنىڭ ئالدى كەينىدە تايلاندتىكى قېرېنداشلارغا يىغىلغان پۇلنىڭ ئاخىرى ھازىر ئەۋەتىلدى
ئاللاھ تائالا مېلىڭلارغا بەركەت بەرسۇن
سىلەرگە رەھمەت